|
قۇتيار تور بېكىتىنىڭ مۇكاپاتلىق تېما يوللاش پائالىيىتى باشلاندى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇتيار تور بېكىتىنىڭ ئەزىز قوللىغۇچىلىرى ۋە ھەر قايسى تورداشلار، قۇتيار تور بېكىتى قۇرۇلۇپ مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە ھەر قايسى تورداشلارنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشىدە مانا بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلىپ تور دۇنياسىدىكى ئۆز خاسلىقىنى تېپىپ ساپ كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان كەسپىي بېكەت بولۇپ قالدى ۋە داۋاملىق مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىپ ئۆز خاسلىقى بويىچە ماڭغۇسى.
خوش ئەمدى بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسەد قۇتيار تور بېكىتى مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق قۇتيار تور بېكىتىدىكى كونا يېڭى ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە مەدەت بېرىش ئۈچۈن « نەۋرۇزلۇق مۇكاپاتلىق پائالىيەت » ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدۇق. پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتنى تۆۋەندىكى بىر قانچە چوڭ تۈرلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
پائالىيەت تېمىلىرى ئاساسلىقى كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئېلىكتىرون ئۈسكۈنىلىرى(MP3 MP4 MP5 ، بارماق دىسكا ، يانفون بىلىملىرى ، GPS ۋە باشقىلار ) ئاساس قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدۇ. باشقا تېمىلار قۇبۇل قىلىنمايدۇ.
تېما يوللىغاندا چوقۇم [مۇكاپاتلىق] دەپ يوللىغان تېمىنىڭ ئالدىغا ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك. يوللىغان تېما چوقۇم ئەڭ دەسلەپتە قۇتيار مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان بولۇشى كېرەك. باشقا مۇنبەردە ئېلان قىلماقچى بولسا مەنبەنىڭ قۇتيار مۇنبىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشى كېرەك. باشقا مۇنبەرلەردە مۇنبىرىمىزگە يوللاشتىن ئاۋۋال ئېلان قىلىنغان تېمىلار قۇبۇل قىلىنمايدۇ ۋە كېيىن بايقالسا تېما تاللانغاندا چىقىرۋېتىلدۇ.
1 . قاتتىق دېتاللار
بۇ تۈرگە مۇنبەردىكى «قاتتىق دېتاللار» دېگەن سەھىپىگە كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىغا ئائىت تەرجىمە قىلىنغان ياكى ئۆزى مۇستەقىل يېزىپ چىققان تېمىلار ھەمدە سۈرەتلىك دەرسلىكلەر بولسا يوللىسا بولىدۇ.
2 . يۇمشاق دېتاللار
بۇ تۈرگە مۇنبەردىكى «يۇمشاق دېتاللار» دېگەن سەھىپىگە ئۆزى تەرجىمە قىلغان يۇمشاق دېتاللار، ھەر قايسى قوللىنىشچان دېتاللارنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىكى ۋە باشقا قوللىنىشچان دېتاللارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق باشقىلارغا بىلىم بېرەلەيدىغان تېمىلارنى يوللىسا بولىدۇ.
3 . پروگرامما تۈزۈش ۋە لايىھىلەش ھەققىدىكى تېمىلار
بۇ تۈرگە مۇنبەردىكى «پروگرامما لايىھىلەش» دېگەن سەھىپىگە ئۆزى ياسىغان دېتاللار (ئەلۋەتتە يېڭىسى بولىشى كېرەك. بۇرۇن ياساپ قويغان ھەم ئېلان قىلىپ بولغان دېتاللار بولسا بولمايدۇ. بۇرۇن ياساپ قويۇپ بىرەر تور بېكەتتە ئېلان قىلىمىغان بولسا بۇ بولىدۇ) ھەم ئۇلارنىڭ ئەسلى كودىنى قوشۇپ يوللىسا بولىدۇ. پروگرامما تۈزۈشكە ئائىت ئۇيغۇرچە يېڭى دەرسلىك بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
4 . تور بېكەت ياساش، تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش ھەققىدىكى تېمىلار
بۇ تۈرگە مۇنبەردىكى «تور بېكەت ياساش» دېگەن سەھىپىگە ئۆزى تۈزگەن ياكى تەرجىمە قىلغان تور بېكەت سىستېمىلىرى ۋە دەرسلىكلىرىنى يوللىسا بولىدۇ. ئەمما چوقۇم يېڭى بولۇشى كېرەك.
5 . فىلىم ئىشلەش، رەسىم لايىھىلەش، ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى تېمىلار .بۇنىڭغا فىلىم، رەسىم ئىشلەش ۋە لايىھىلەش ھەمدە كۆپ ۋاستە ھۆججتلىرىنى تەھرىرلەش، بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى دەرسلىكلەر، كۆرسەتمىلىك تېمىلار يوللىنىلىدۇ.
مۇشۇ چوڭ 5 تۈر بويىچە بۇ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەر قايسى تورداشلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ قۇتيار تور بېكىتى ئۈچۈن قىسقىسى ھەر قايسى بىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى چىقىرىپ قورسىقىدىكى بىلىملىرىنى ئايىماي چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز. تورداشلارنىڭ يوللىغان تېمىلىرى چوقۇم يېڭى، خاسلىققا ئىگە، كۆچۈرۈلمىگەن بولۇشى كېرەك. بولمىسا كېيىنكى قېتىملىق باھالاشقا ۋە تېما تاللاشقا قاتناشتۇرۇلمايدۇ ھەمدە مۇكاپاتلىق تېما قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى تېمىلار قۇبۇل قىلىنمايدۇ:
كىنو، ناخشا، ئەدەبىي ئەسەر، ئويۇنلار(تەرجىمە قىلغان ياكى ئۆزى تۈزگەن ئويۇنلار بۇنىڭ سىرتىدا...) باشقا مۇنبەر ياكى تور بېكەتلەردىن ئەكەلگەن كۆچۈرۈلمە تېمىلار.
مۇكاپات بۇيۇملىرى تۆۋەندىكىلەر:
1 - دەرىجىلىك مۇكاپات: ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى، بىلقۇت خەزىنىسى، ئالپسوفت كۆپ تىللىق ئىقتىدارلىق لۇغەت. تېما يوللىغۇچىلار بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە يۇقىرقى ئۈچ لۇغەتنىڭ خالىغان بىرسىنى ئالسا بولىدۇ.
2 – دەرىجىلىك مۇكاپات: بىلقۇت يۈرۈشلۈك كومپيۇتېر ئۆگىتىش يېتەكچىلىرى- XP ئۆگەتكۈچىسى، Office ئۆگەتكۈچىسى، Photoshop ئۆگەتكۈچىسى، Flash ئۆگەتكۈچىسى،CorelDraw ئۆگەتكۈچىسى ، ئالىپسوفت قوش تىل ئۆگىتىش يېتەكچىسى قاتارلىقلاردىن خالىغان بىرسىنى تاللايدۇ.
3 – دەرىجىلىك مۇكاپات: ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى، كەنجى كوررېكتور، ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچىسى، ئالپسوفت كۆپ ئىقتىدارلىق يېزىق كىرگۈزگۈچىىسى قاتارلىقلاردىن خالىغان بىرسىنى تاللايدۇ.
4 - دەرىجىلىك مۇكاپات: كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرى- چاشقىنەك، كۇنۇپكا تاختىسى، تىڭشىغۇچ، كامېرا قاتارلىقلاردىن خالىغان بىرسىنى تاللىسا بولىدۇ.
5 – دەرىجىلىك مۇكاپات: بۇنىڭغا يۇقارقى 4 تۈرگە ئېرىشەلمىگەن تېمىلار قاتناشتۇرۇلىدۇ، ھەر بىر تېما يوللىغۇچىغا 1000 تەڭگە، 600 شۆھرەت، 300 تۆھپە ۋە 150 تىللا مۇكاپات بېرىلىدۇ ھەمدە قۇتيار دېتاللار توپلىمى 1.0 نۇسخىسى دىسكىغا ئويۇپ بېرىلىدۇ.
يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان دېتاللارنىڭ ئىقتىدارلىرى ۋە قايسى ئورۇننىڭ ئىكەنلىكىنى مۇنبەرنىڭ بىلىۋېلىڭ سەھىپىسىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ .
ھازىرچە مۇشۇ 5 چوڭ تۈر بويىچە مۇكاپات تارقىتىشنى لايىق كۆردۇق. ئەگەر بۇ پائالىيەتكە كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغان شەخس، شىركەتلەر بولسا ئۇلارنىڭ ماس دېتاللىرىنى قوشىلىدۇ ياكى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ مۇكاپات تۈرى ئۆزگەرتىلىدۇ.
پائالىيەتنىڭ ۋاقتى مۇشۇ تېما ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنىگىچە بولىدۇ. 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى مۇكاپاتلىق تېمىلار قوبۇل قىلىش ئاخىرلىشىدۇ ، 3- ئاينىڭ 14 -كۈنىدىن باشلاپ 16 - كۈنىگىچە تېمىلار رەتلىنىپ تاللاش ئېلىپ بېرىلىدۇ ، ھەمدە شۇ كۈندىن 3 – ئاينىڭ 20 – كۈنىگىچە بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىپ 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى يەنى ئۇلۇغ نەۋرۇز كۈنى مۇكاپات نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
بارلىق ئەزالارنىڭ تېمىنى ئەستايىدىل ۋە تولۇق ئوقۇپ ئاكتىپ ۋە قىزغىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، يوللىغان تېمىلار چوقۇم يېڭى ، كۆچۈرۈلمىگەن ، خاسلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىدىن كۆچۈرۈپ ئەسەر قاتناشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار تور بېكىتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى |